Go to Allah Before its to Late
- Fajr:3:25 am
- Dhuhr:12:04 pm
- Asr:5:00 pm
- Maghrib:7:06 pm
- Isha'a:8:45 pm

16: سورة النحل
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
In the Name of Allah—the Most Compassionate, Most Merciful.
atā amru l-lahi falā tastaʿjilūhu sub'ḥānahu wataʿālā ʿammā yush'rikūna
ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر.
yunazzilu l-malāikata bil-rūḥi min amrihi ʿalā man yashāu min ʿibādihi an andhirū annahu lā ilāha illā anā fa-ittaqūni
ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە) پەرىشتىلەرنى ۋەھىي بىلەن نازىل قىلىپ (مۇنداق دەيدۇ): «(ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن (يەنى ئازابىمدىن) قورقۇڭلار».
khalaqa l-samāwāti wal-arḍa bil-ḥaqi taʿālā ʿammā yush'rikūna
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن يۈكسەكتۇر.
khalaqa l-insāna min nuṭ'fatin fa-idhā huwa khaṣīmun mubīnun
ئۇ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇ بولسا (ئاللاھقا) ئاشكارا خۇسۇمەت قىلغۇچىدۇر.
wal-anʿāma khalaqahā lakum fīhā dif'on wamanāfiʿu wamin'hā takulūna
ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار (نىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى) بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلار (نىڭ نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغى) دىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلار (نىڭ گۆشلىرى) نى يەيسىلەر.
walakum fīhā jamālun ḥīna turīḥūna waḥīna tasraḥūna
ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، چارۋا ماللار سىلەرگە زىننەت بولۇپ (خۇشاللىق بېغىشلايدۇ).
wataḥmilu athqālakum ilā baladin lam takūnū bālighīhi illā bishiqqi l-anfusi inna rabbakum laraūfun raḥīmun
ئۇلار يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا ـ مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر.
wal-khayla wal-bighāla wal-ḥamīra litarkabūhā wazīnatan wayakhluqu mā lā taʿlamūna
ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ.
waʿalā l-lahi qaṣdu l-sabīli wamin'hā jāirun walaw shāa lahadākum ajmaʿīna
توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى.
huwa alladhī anzala mina l-samāi māan lakum min'hu sharābun wamin'hu shajarun fīhi tusīmūna
ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئارقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر.
yunbitu lakum bihi l-zarʿa wal-zaytūna wal-nakhīla wal-aʿnāba wamin kulli l-thamarāti inna fī dhālika laāyatan liqawmin yatafakkarūna
ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار.
wasakhara lakumu al-layla wal-nahāra wal-shamsa wal-qamara wal-nujūmu musakharātun bi-amrihi inna fī dhālika laāyātin liqawmin yaʿqilūna
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار.
wamā dhara-a lakum fī l-arḍi mukh'talifan alwānuhu inna fī dhālika laāyatan liqawmin yadhakkarūna
ئاللاھ يەنە يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى (سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى)، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
wahuwa alladhī sakhara l-baḥra litakulū min'hu laḥman ṭariyyan watastakhrijū min'hu ḥil'yatan talbasūnahā watarā l-ful'ka mawākhira fīhi walitabtaghū min faḍlihi walaʿallakum tashkurūna
ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گۆشلىرى (يەنى بېلىقلىرى) نى يېسۇن، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ( ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرۇشى بىلەن يېمەك ـ ئىچمەكلەر ۋە يۈك ـ تاقلار قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈسەن.
wa-alqā fī l-arḍi rawāsiya an tamīda bikum wa-anhāran wasubulan laʿallakum tahtadūna
زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى بەرپا قىلدى، (زىرائەتلىرىڭلارنى ، چارۋا -ماللىرىڭلارنى سۇغىرىشىڭلار ئۈچۈن) ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى، ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن يوللارنى پەيدا قىلدى.
waʿalāmātin wabil-najmi hum yahtadūna
(يوللارغا) بەلگىلەرنى قىلدى. ئۇلار (كېچىسى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزلاردا) يۇلتۇزلار بىلەن يول تاپىدۇ.
afaman yakhluqu kaman lā yakhluqu afalā tadhakkarūna
(پۈتۈن كائىناتنى) ياراتقان ئاللاھ بىلەن (ھېچ نەرسىنى) يارىتالمايدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟ ئويلىمامسىلەر.
wa-in taʿuddū niʿ'mata l-lahi lā tuḥ'ṣūhā inna l-laha laghafūrun raḥīmun
ئەگەر ئاللاھنىڭ (سىلەرگە بەرگەن) نېمىتىنى سانىساڭلار ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەر (نىڭ بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىڭلار) نى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر.
wal-lahu yaʿlamu mā tusirrūna wamā tuʿ'linūna
ئاللاھ سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغاننىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
wa-alladhīna yadʿūna min dūni l-lahi lā yakhluqūna shayan wahum yukh'laqūna
ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغانلىرى (يەنى بۇتلىرى) ھېچ شەيئىنى يارىتالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر (يەنى ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالغاندۇر).
amwātun ghayru aḥyāin wamā yashʿurūna ayyāna yub'ʿathūna
ئۇلار (يەنى بۇتلار) تىرىك ئەمەس، ئۆلۈكتۈر ، ئۇلار (چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ) قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ.
ilāhukum ilāhun wāḥidun fa-alladhīna lā yu'minūna bil-ākhirati qulūbuhum munkiratun wahum mus'takbirūna
سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى ( ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، (ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلاردۇر.
lā jarama anna l-laha yaʿlamu mā yusirrūna wamā yuʿ'linūna innahu lā yuḥibbu l-mus'takbirīna
ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستلا بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.
wa-idhā qīla lahum mādhā anzala rabbukum qālū asāṭīru l-awalīna
ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار (مەسخىرە قىلىپ): «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى (نازىل قىلدى)» دېيىشىدۇ.
liyaḥmilū awzārahum kāmilatan yawma l-qiyāmati wamin awzāri alladhīna yuḍillūnahum bighayri ʿil'min alā sāa mā yazirūna
ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى بوھتان سۆزلەرنى قىلدى)، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان!
qad makara alladhīna min qablihim fa-atā l-lahu bun'yānahum mina l-qawāʿidi fakharra ʿalayhimu l-saqfu min fawqihim wa-atāhumu l-ʿadhābu min ḥaythu lā yashʿurūna
ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىرلار (ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ ( ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ھىيلە ـ مىكىر) بىناسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (بۇ بىنانىڭ) ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا ئۆزلىرى ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى.
thumma yawma l-qiyāmati yukh'zīhim wayaqūlu ayna shurakāiya alladhīna kuntum tushāqqūna fīhim qāla alladhīna ūtū l-ʿil'ma inna l-khiz'ya l-yawma wal-sūa ʿalā l-kāfirīna
«مېنىڭ شېرىكلىرىم قېنى قەيەردە؟ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا (پەيغەمبەرلەر بىلەن) مۇنازىرىلىشەتتىڭلارغۇ؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەر ۋە ئۆلىمالار): «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە ئازاب ھەقىقەتەن كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر» دەيدۇ.
alladhīna tatawaffāhumu l-malāikatu ẓālimī anfusihim fa-alqawū l-salama mā kunnā naʿmalu min sūin balā inna l-laha ʿalīmun bimā kuntum taʿmalūna
ئۇلار (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ھالەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلار بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىدۇق» (دەيدۇ). ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر.
fa-ud'khulū abwāba jahannama khālidīna fīhā falabi'sa mathwā l-mutakabirīna
سىلەر (ئىچىدە) مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان!
waqīla lilladhīna ittaqaw mādhā anzala rabbukum qālū khayran lilladhīna aḥsanū fī hādhihi l-dun'yā ḥasanatun waladāru l-ākhirati khayrun walaniʿ'ma dāru l-mutaqīna
تەقۋادارلارغا: «پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «ياخشى سۆزلەرنى نازىل قىلدى» دېيىشىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى (ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ) ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستلا نېمىدېگەن گۈزەل!
jannātu ʿadnin yadkhulūnahā tajrī min taḥtihā l-anhāru lahum fīhā mā yashāūna kadhālika yajzī l-lahu l-mutaqīna
ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايدۇ.
alladhīna tatawaffāhumu l-malāikatu ṭayyibīna yaqūlūna salāmun ʿalaykumu ud'khulū l-janata bimā kuntum taʿmalūna
ئۇلار (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان شارائىتتا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قەبزى روھ قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن جەننەتكە كىرىڭلار» دەيدۇ.
hal yanẓurūna illā an tatiyahumu l-malāikatu aw yatiya amru rabbika kadhālika faʿala alladhīna min qablihim wamā ẓalamahumu l-lahu walākin kānū anfusahum yaẓlimūna
كاپىرلار پەقەت (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن) پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنىڭ (يەنى ئازابىنىڭ) چۈشۈشىنىلا كۈتىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن (كاپىر) لارمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
fa-aṣābahum sayyiātu mā ʿamilū waḥāqa bihim mā kānū bihi yastahziūna
ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى، ئۇلارغا مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى (يەنى قاتتىق ئازابى) چۈشتى.
waqāla alladhīna ashrakū law shāa l-lahu mā ʿabadnā min dūnihi min shayin naḥnu walā ābāunā walā ḥarramnā min dūnihi min shayin kadhālika faʿala alladhīna min qablihim fahal ʿalā l-rusuli illā l-balāghu l-mubīnu
مۇشرىكلار: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، (ئاللاھنىڭ ھۆكمىسىز) ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت (ھىدايەت قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر).
walaqad baʿathnā fī kulli ummatin rasūlan ani uʿ'budū l-laha wa-ij'tanibū l-ṭāghūta famin'hum man hadā l-lahu wamin'hum man ḥaqqat ʿalayhi l-ḍalālatu fasīrū fī l-arḍi fa-unẓurū kayfa kāna ʿāqibatu l-mukadhibīna
بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
in taḥriṣ ʿalā hudāhum fa-inna l-laha lā yahdī man yuḍillu wamā lahum min nāṣirīna
سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق مەدەتكار يوق.
wa-aqsamū bil-lahi jahda aymānihim lā yabʿathu l-lahu man yamūtu balā waʿdan ʿalayhi ḥaqqan walākinna akthara l-nāsi lā yaʿlamūna
ئۇلار: «ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەيدۇ » دەپ قاتتىق قەسەم ئىچىشتى، ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ( ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەيدۇ (شۇڭلاشقا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ ).
liyubayyina lahumu alladhī yakhtalifūna fīhi waliyaʿlama alladhīna kafarū annahum kānū kādhibīna
ئاللاھ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇلارغا ئايرىپ بېرىش ۋە كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن (ئۇلارنى قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ).
innamā qawlunā lishayin idhā aradnāhu an naqūla lahu kun fayakūnu
بىز بىرەر شەيئىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دەيمىز ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
wa-alladhīna hājarū fī l-lahi min baʿdi mā ẓulimū lanubawwi-annahum fī l-dun'yā ḥasanatan wala-ajru l-ākhirati akbaru law kānū yaʿlamūna
زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار بىلىدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر.
alladhīna ṣabarū waʿalā rabbihim yatawakkalūna
ئۇلار (ئېغىرچىلىقلارغا) سەۋر قىلدى، ئۇلار (ھەممە ئىشتا) پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ.
wamā arsalnā min qablika illā rijālan nūḥī ilayhim fasalū ahla l-dhik'ri in kuntum lā taʿlamūna
سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھىي نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر) دىن سوراڭلار.
bil-bayināti wal-zuburi wa-anzalnā ilayka l-dhik'ra litubayyina lilnnāsi mā nuzzila ilayhim walaʿallahum yatafakkarūna
(پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) تەپەككۇر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق.
afa-amina alladhīna makarū l-sayiāti an yakhsifa l-lahu bihimu l-arḍa aw yatiyahumu l-ʿadhābu min ḥaythu lā yashʿurūna
ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟
aw yakhudhahum fī taqallubihim famā hum bimuʿ'jizīna
ياكى ئۆزلىرىنى سەپەر ئۇستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا يولۇقتۇرۇشىدىن قورقمامدۇ؟ (بۇ چاغدا) ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
aw yakhudhahum ʿalā takhawwufin fa-inna rabbakum laraūfun raḥīmun
ياكى (ئاللاھنىڭ) ئۆزلىرىنى قەدەممۇقەدەم جازالىشىدىن قورقمامدۇ؟ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە مەرھەمەتلىكتۇر، مېھرىباندۇر (شۇڭا سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىدى).
awalam yaraw ilā mā khalaqa l-lahu min shayin yatafayya-u ẓilāluhu ʿani l-yamīni wal-shamāili sujjadan lillahi wahum dākhirūna
ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرى بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟
walillahi yasjudu mā fī l-samāwāti wamā fī l-arḍi min dābbatin wal-malāikatu wahum lā yastakbirūna
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار ( ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ.
yakhāfūna rabbahum min fawqihim wayafʿalūna mā yu'marūna
ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ.
waqāla l-lahu lā tattakhidhū ilāhayni ith'nayni innamā huwa ilāhun wāḥidun fa-iyyāya fa-ir'habūni
ئاللاھ: «ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار» دېدى.
walahu mā fī l-samāwāti wal-arḍi walahu l-dīnu wāṣiban afaghayra l-lahi tattaqūna
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا بىرىدىن قورقامسىلەر؟
wamā bikum min niʿ'matin famina l-lahi thumma idhā massakumu l-ḍuru fa-ilayhi tajarūna
سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر.
thumma idhā kashafa l-ḍura ʿankum idhā farīqun minkum birabbihim yush'rikūna
ئاللاھ سىلەردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە ، ئاراڭلاردىن بىر بۆلۈك ئادەم دەرھال ئۆز پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ.
liyakfurū bimā ātaynāhum fatamattaʿū fasawfa taʿlamūna
ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن (بېشىدىكى ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت) نېمىتىمىزگە ناشۈكۈرلۈك قىلىدۇ، (سىلەر ئەجىلىڭلار يەتكۈچە دۇنيادىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر.
wayajʿalūna limā lā yaʿlamūna naṣīban mimmā razaqnāhum tal-lahi latus'alunna ʿammā kuntum taftarūna
ئۇلار بىز ئۆزلىرىگە بەرگەن رىزىقتىن ھېچنەرسىدىن خەۋەرسىز (بۇتلىرىغا) نېسىۋە قالدۇرىدۇ. (ئى مۇشرىكلار!) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆزۈڭلار ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسەڭلار ئۈچۈن چوقۇم سوراققا تارتىلىسىلەر.
wayajʿalūna lillahi l-banāti sub'ḥānahu walahum mā yashtahūna
ئۇلار ئاللاھقا قىزلارنى نىسبەت بېرىدۇ (ئاللاھنىڭ قىزى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ)، ئاللاھ (بۇنداق بوھتاندىن) پاكتۇر، ئۇلار ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغانلىرىنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ.
wa-idhā bushira aḥaduhum bil-unthā ẓalla wajhuhu mus'waddan wahuwa kaẓīmun
ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوشخەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ.
yatawārā mina l-qawmi min sūi mā bushira bihi ayum'sikuhu ʿalā hūnin am yadussuhu fī l-turābi alā sāa mā yaḥkumūna
يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!
lilladhīna lā yu'minūna bil-ākhirati mathalu l-sawi walillahi l-mathalu l-aʿlā wahuwa l-ʿazīzu l-ḥakīmu
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار (ئوغۇلنى ياخشى كۆرۈپ، قىزنى يامان كۆرۈش، خوتۇنى ئوغۇل تۇغسا خۇشال بولۇپ، قىز تۇغسا ئاچچىقى كېلىش، ئار ـ نومۇستىن ۋە كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ، قىزلارنى تىرىك كۆمۈشكە ئوخشاش) يامان سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
walaw yuākhidhu l-lahu l-nāsa biẓul'mihim mā taraka ʿalayhā min dābbatin walākin yu-akhiruhum ilā ajalin musamman fa-idhā jāa ajaluhum lā yastakhirūna sāʿatan walā yastaqdimūna
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن (چاپسان) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى (جازالاشنى) مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش) ۋاقتى كەلگەندە قىلچىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، قىلچىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ.
wayajʿalūna lillahi mā yakrahūna wataṣifu alsinatuhumu l-kadhiba anna lahumu l-ḥus'nā lā jarama anna lahumu l-nāra wa-annahum muf'raṭūna
ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرۈدىغاننى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن جۆيلۈيدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (دوزاختا) تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر.
tal-lahi laqad arsalnā ilā umamin min qablika fazayyana lahumu l-shayṭānu aʿmālahum fahuwa waliyyuhumu l-yawma walahum ʿadhābun alīmun
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈممەتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى. شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ دوستىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
wamā anzalnā ʿalayka l-kitāba illā litubayyina lahumu alladhī ikh'talafū fīhi wahudan waraḥmatan liqawmin yu'minūna
(ئى مۇھەممەد!) بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار (دىنىدىكى) دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق.
wal-lahu anzala mina l-samāi māan fa-aḥyā bihi l-arḍa baʿda mawtihā inna fī dhālika laāyatan liqawmin yasmaʿūna
ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا (تۈرلۈك زىرائەتلەرنى) ئۈندۈردى، بۇنىڭدا (ۋەز ـ نەسىھەت) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار.
wa-inna lakum fī l-anʿāmi laʿib'ratan nus'qīkum mimmā fī buṭūnihi min bayni farthin wadamin labanan khāliṣan sāighan lilshāribīna
چاھارپايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى چاھارپايلارنىڭ قارنىدىكى ماياق ـ تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز.
wamin thamarāti l-nakhīli wal-aʿnābi tattakhidhūna min'hu sakaran wariz'qan ḥasanan inna fī dhālika laāyatan liqawmin yaʿqilūna
(سىلەر ئۈچۈن يەنە بۇنداق ئىبرەتمۇ باركى) خورمىدىن، ئۈزۈمدىن شارابلار ۋە پاكىز يېمەكلىكلەر ياسايسىلەر، ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار.
wa-awḥā rabbuka ilā l-naḥli ani ittakhidhī mina l-jibāli buyūtan wamina l-shajari wamimmā yaʿrishūna
پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن.
thumma kulī min kulli l-thamarāti fa-us'lukī subula rabbiki dhululan yakhruju min buṭūnihā sharābun mukh'talifun alwānuhu fīhi shifāon lilnnāsi inna fī dhālika laāyatan liqawmin yatafakkarūna
ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر (يەنى گۈل ـ چېچەكلەر) دىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن». ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار.
wal-lahu khalaqakum thumma yatawaffākum waminkum man yuraddu ilā ardhali l-ʿumuri likay lā yaʿlama baʿda ʿil'min shayan inna l-laha ʿalīmun qadīrun
ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاراڭلاردا ئۆمۈرنىڭ يامان (يەنى ئەڭ قېرىلىق) باسقۇچىغا ئۇلىشىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ھەتتا (بىر نەرسىلەرنى) بىلگەندىن كېيىن، ھېچ نەرسىنى بىلمەس بولۇپ قالىدۇ (يەنى ئىلگىرى بىلىدىغانلىرىنى ئۇنتۇپ، كۈچ ـ قۇۋۋىتى تۈگەپ، ئەقلى كېمىيىپ كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقاتنى باشقۇرۇشنى) بىلگۈچىدۇر، (ئۆزى ئىرادە قىلغان نەرسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا) قادىردۇر.
wal-lahu faḍḍala baʿḍakum ʿalā baʿḍin fī l-riz'qi famā alladhīna fuḍḍilū birāddī riz'qihim ʿalā mā malakat aymānuhum fahum fīhi sawāon afabiniʿ'mati l-lahi yajḥadūna
ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، رىزىقتا ئۈستۈن قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى باراۋەر بولۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكىلەرگە بەرمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلىشامدۇ؟
wal-lahu jaʿala lakum min anfusikum azwājan wajaʿala lakum min azwājikum banīna waḥafadatan warazaqakum mina l-ṭayibāti afabil-bāṭili yu'minūna wabiniʿ'mati l-lahi hum yakfurūna
ئاللاھ سىلەر (نىڭ ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟
wayaʿbudūna min dūni l-lahi mā lā yamliku lahum riz'qan mina l-samāwāti wal-arḍi shayan walā yastaṭīʿūna
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە ئاسمانلاردىن ھېچقانداق رىزىق چۈشۈرۈپ ۋە يەردىن ھېچقانداق رىزىق چىقىرىپ (يەنى ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ۋە يەردىن زىرائەت ۋە دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ) بېرەلمەيدىغان، (شۇنداق قىلىشقا) قۇدرىتى يەتمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنامدۇ؟
falā taḍribū lillahi l-amthāla inna l-laha yaʿlamu wa-antum lā taʿlamūna
سىلەر ئاللاھقا مىسال كەلتۇرمەڭلار (يەنى ئاللاھقا بۇتلارنى ئوخشاتماڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن (ھەممە ھەقىقەتنى) بىلىدۇ، سىلەر (ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلمەيسىلەر.
ḍaraba l-lahu mathalan ʿabdan mamlūkan lā yaqdiru ʿalā shayin waman razaqnāhu minnā riz'qan ḥasanan fahuwa yunfiqu min'hu sirran wajahran hal yastawūna l-ḥamdu lillahi bal aktharuhum lā yaʿlamūna
ئاللاھ بۇنداق بىر مىسال كەلتۈرىدۇ: ھېچقانداق ئىشنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بىر قۇل بىز ئوبدان رىزىق (يەنى مال ـ مۈلۈك) ئاتا قىلغان ۋە ئۇنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلىپ تۇرغان (ھۆر ـ ئەركىن) ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ (يەنى ھېچ نەرسىگە ئىگە بولمىغان قۇلغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ھەممىگە ئىگە بولغان ۋە كائىناتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان ئاللاھ بىلەن قانداقمۇ تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟) جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇلار (يەنى كاپىرلار) نىڭ تولىسى (ھەمدۇساناغا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى، بۇتلارنىڭ ھەمدۇساناغا ۋە ئىبادەتكە لايىق ئەمەسلىكىنى) ئۇقمايدۇ.
waḍaraba l-lahu mathalan rajulayni aḥaduhumā abkamu lā yaqdiru ʿalā shayin wahuwa kallun ʿalā mawlāhu aynamā yuwajjihhu lā yati bikhayrin hal yastawī huwa waman yamuru bil-ʿadli wahuwa ʿalā ṣirāṭin mus'taqīmin
ئاللاھ يەنە مۇنداق مىسال كەلتۈرىدۇ؛ مۇنداق ئىككى ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ۋە ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان بىر گاچادۇركى، ئىگىسى بۇ گاچىنى مەيلى قەيەرگە ئەۋەتسۇن، ئۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. يەنە بىرى بولسا ئۆزى توغرا يولدا ماڭغان ۋە (كىشىلەرنى) ھەققانىي بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ئادەمدۇر، بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاشمۇ؟ (يەنى بۇ گاچا بىلەن ئۆزى توغرا يولدا تۇرۇپ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان، ئۆزى قۇرئان نۇرى بىلەن نۇرلانغان ئادەم بىر ـ بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئۇلارنى ئوخشاش ئورۇنغا قويمىغىنىدەك، بۇت ۋە تاشنى ھەممىنى بىلگۈچى قۇدرەتلىك ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ).
walillahi ghaybu l-samāwāti wal-arḍi wamā amru l-sāʿati illā kalamḥi l-baṣari aw huwa aqrabu inna l-laha ʿalā kulli shayin qadīrun
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
wal-lahu akhrajakum min buṭūni ummahātikum lā taʿlamūna shayan wajaʿala lakumu l-samʿa wal-abṣāra wal-afidata laʿallakum tashkurūna
ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى.
alam yaraw ilā l-ṭayri musakharātin fī jawwi l-samāi mā yum'sikuhunna illā l-lahu inna fī dhālika laāyātin liqawmin yu'minūna
ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى (ھاۋادىن چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.
wal-lahu jaʿala lakum min buyūtikum sakanan wajaʿala lakum min julūdi l-anʿāmi buyūtan tastakhiffūnahā yawma ẓaʿnikum wayawma iqāmatikum wamin aṣwāfihā wa-awbārihā wa-ashʿārihā athāthan wamatāʿan ilā ḥīnin
ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئۆيلەرنى (چېدىرلەرنى) قىلىپ بەردى، سىلەر كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ، تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئۇنىڭ يىنىكلىكىنى ھېس قىلىسىلەر، سىلەرگە قويلارنىڭ يۇڭلىرىدىن ، تۆگىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن، ئۆچكىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆي جاھازلىرىنى (يەنى سىلەر كىيىدىغان ۋە ئۆيۈڭلارنى سەرەمجانلاشتۇرىدىغان) ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە (ئۆلۈم كەلگۈچە ياكى ئۇلار كونىراپ تۈگىگۈچە) پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى.
wal-lahu jaʿala lakum mimmā khalaqa ẓilālan wajaʿala lakum mina l-jibāli aknānan wajaʿala lakum sarābīla taqīkumu l-ḥara wasarābīla taqīkum basakum kadhālika yutimmu niʿ'matahu ʿalaykum laʿallakum tus'limūna
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەر (يەنى دەرەخلەر، تاغلار ۋە بىنالار) دىن (كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان) سايىلەرنى قىلىپ بەردى. تاغلاردىن سىلەرگە (غار، ئۆڭكۈرگە ئوخشاش) تۇرالغۇ قىلىدىغان جايلارنى قىلىپ بەردى. سىلەرگە ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى (زىيان ـ زەخمەتتىن) ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېمەتلەرنى بېرىدۇ.
fa-in tawallaw fa-innamā ʿalayka l-balāghu l-mubīnu
ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
yaʿrifūna niʿ'mata l-lahi thumma yunkirūnahā wa-aktharuhumu l-kāfirūna
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن (ئاللاھتىن باشقا بىرىگە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىردۇر (يەنى كاپىر پېتىچە ئۆلىدۇ).
wayawma nabʿathu min kulli ummatin shahīdan thumma lā yu'dhanu lilladhīna kafarū walā hum yus'taʿtabūna
شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئۈممەتتىن (ئۇنىڭغا ئىمان بىلەن ياكى كۇفرى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت (يەنى پەيغەمبەر) كەلتۈرىمىز، ئاندىن كاپىرلارغا (ئۆزرە ئېيتىشقا) رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە ئۇلاردىن پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىش (يەنى پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش) تەلەپ قىلىنمايدۇ.
wa-idhā raā alladhīna ẓalamū l-ʿadhāba falā yukhaffafu ʿanhum walā hum yunẓarūna
زالىملار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلاردىن (ئازاب) يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
wa-idhā raā alladhīna ashrakū shurakāahum qālū rabbanā hāulāi shurakāunā alladhīna kunnā nadʿū min dūnika fa-alqaw ilayhimu l-qawla innakum lakādhibūna
مۇشرىكلار (دۇنيادا چوقۇنغان) بۇتلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىزدۇر» دەيدۇ. مەبۇدلىرى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «شۈبھىسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ.
wa-alqaw ilā l-lahi yawma-idhin l-salama waḍalla ʿanhum mā kānū yaftarūna
شۇ كۈندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا باش ئەگكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغلىرىدا: «مەبۇدلار بىزگە شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن) يالغان ـ ياۋىداقلىرى يوققا چىقىدۇ.
alladhīna kafarū waṣaddū ʿan sabīli l-lahi zid'nāhum ʿadhāban fawqa l-ʿadhābi bimā kānū yuf'sidūna
كاپىر بولغانلارغا ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىنىدىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ قوشىمىز .
wayawma nabʿathu fī kulli ummatin shahīdan ʿalayhim min anfusihim waji'nā bika shahīdan ʿalā hāulāi wanazzalnā ʿalayka l-kitāba tib'yānan likulli shayin wahudan waraḥmatan wabush'rā lil'mus'limīna
شۇ كۈندە بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قارشى (گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت (يەنى پەيغەمبەر) كەلتۈرىمىز ۋە (شۇ كۈندە) بىز سېنى ئۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭگە) شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق.
inna l-laha yamuru bil-ʿadli wal-iḥ'sāni waītāi dhī l-qur'bā wayanhā ʿani l-faḥshāi wal-munkari wal-baghyi yaʿiẓukum laʿallakum tadhakkarūna
ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ.
wa-awfū biʿahdi l-lahi idhā ʿāhadttum walā tanquḍū l-aymāna baʿda tawkīdihā waqad jaʿaltumu l-laha ʿalaykum kafīlan inna l-laha yaʿlamu mā tafʿalūna
سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەنلىرىڭلاردا ، ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قەسىمىڭلارنى (ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ) پۇختىلىغاندىن كېيىن بۇزماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلدىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
walā takūnū ka-allatī naqaḍat ghazlahā min baʿdi quwwatin ankāthan tattakhidhūna aymānakum dakhalan baynakum an takūna ummatun hiya arbā min ummatin innamā yablūkumu l-lahu bihi walayubayyinanna lakum yawma l-qiyāmati mā kuntum fīhi takhtalifūna
سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر (يەنى ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئۈستىدە بىر جامائە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كېيىن، سانى، پۇل ـ مېلى كۆپرەك يەنە بىر جامائەنى كۆرۈپلا ئىلگىرىكى جامائە بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنى بۇزۇپ، كېيىنكى جامائە بىلەن ئەھدى تۈزىسىلەر)، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ (يەنى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئەمرى) بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ.
walaw shāa l-lahu lajaʿalakum ummatan wāḥidatan walākin yuḍillu man yashāu wayahdī man yashāu walatus'alunna ʿammā kuntum taʿmalūna
مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر.
walā tattakhidhū aymānakum dakhalan baynakum fatazilla qadamun baʿda thubūtihā watadhūqū l-sūa bimā ṣadadttum ʿan sabīli l-lahi walakum ʿadhābun ʿaẓīmun
قەدىمىڭلار (ئىسلام دىنىدا) ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر، (سىلەر ئاخىرەتتە دوزاختا) چوڭ ئازابقا قالىسىلەر.
walā tashtarū biʿahdi l-lahi thamanan qalīlan innamā ʿinda l-lahi huwa khayrun lakum in kuntum taʿlamūna
سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار؛ سىلەر ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب سىلەر ئۈچۈن (پانى دۇنيانىڭ نەرسىلىرىدىن) ئارتۇقتۇر.
mā ʿindakum yanfadu wamā ʿinda l-lahi bāqin walanajziyanna alladhīna ṣabarū ajrahum bi-aḥsani mā kānū yaʿmalūna
(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.
man ʿamila ṣāliḥan min dhakarin aw unthā wahuwa mu'minun falanuḥ'yiyannahu ḥayatan ṭayyibatan walanajziyannahum ajrahum bi-aḥsani mā kānū yaʿmalūna
ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.
fa-idhā qarata l-qur'āna fa-is'taʿidh bil-lahi mina l-shayṭāni l-rajīmi
سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن.
innahu laysa lahu sul'ṭānun ʿalā alladhīna āmanū waʿalā rabbihim yatawakkalūna
شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ).
innamā sul'ṭānuhu ʿalā alladhīna yatawallawnahu wa-alladhīna hum bihi mush'rikūna
شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ (ئىغۋا قىلىشى) بىلەن مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
wa-idhā baddalnā āyatan makāna āyatin wal-lahu aʿlamu bimā yunazzilu qālū innamā anta muf'tarin bal aktharuhum lā yaʿlamūna
بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا (يەنى بىر ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈمنى چۈشۈرگىنىمىزدە)، ـ ئاللاھ ئۆزى نازىل قىلغاننى (يەنى شۇ ھۆكۈمدە بەندىگە نېمە مەنپەئەت ۋە ھېكمەت بارلىقىنى) ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ ـ ئۇلار: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ( ئاللاھقا) يالغان چاپلىدىڭ» دەيدۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) ئۇقمايدۇ.
qul nazzalahu rūḥu l-qudusi min rabbika bil-ḥaqi liyuthabbita alladhīna āmanū wahudan wabush'rā lil'mus'limīna
ئېيتقىنكى، قۇرئاننى جىبرىئىل مۆمىنلەرنىڭ (ئىمانىنى) مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭ ھۇزۇرىدىن راستچىللىق بىلەن نازىل قىلدى.
walaqad naʿlamu annahum yaqūlūna innamā yuʿallimuhu basharun lisānu alladhī yul'ḥidūna ilayhi aʿjamiyyun wahādhā lisānun ʿarabiyyun mubīnun
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇرئاننى بىر ئىنسان تەلىم بېرىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس، بۇ (قۇرئان) بولسا روشەن ئەرەب تىلىدۇر.
inna alladhīna lā yu'minūna biāyāti l-lahi lā yahdīhimu l-lahu walahum ʿadhābun alīmun
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە (يەنى قۇرئانغا) ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
innamā yaftarī l-kadhiba alladhīna lā yu'minūna biāyāti l-lahi wa-ulāika humu l-kādhibūna
پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا ( ئاللاھقا) يالغان چاپلايدۇ، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغانچى ئەمەس) دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يالغانچىدۇر.
man kafara bil-lahi min baʿdi īmānihi illā man uk'riha waqalbuhu muṭ'ma-innun bil-īmāni walākin man sharaḥa bil-kuf'ri ṣadran faʿalayhim ghaḍabun mina l-lahi walahum ʿadhābun ʿaẓīmun
كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، ـ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ـ كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ.
dhālika bi-annahumu is'taḥabbū l-ḥayata l-dun'yā ʿalā l-ākhirati wa-anna l-laha lā yahdī l-qawma l-kāfirīna
بۇ (يەنى ئازاب) ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ulāika alladhīna ṭabaʿa l-lahu ʿalā qulūbihim wasamʿihim wa-abṣārihim wa-ulāika humu l-ghāfilūna
ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر.
lā jarama annahum fī l-ākhirati humu l-khāsirūna
ئۇلار راستلا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
thumma inna rabbaka lilladhīna hājarū min baʿdi mā futinū thumma jāhadū waṣabarū inna rabbaka min baʿdihā laghafūrun raḥīmun
ئاندىن (ئى مۇھەممەد!) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغان. ئاندىن ( ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغان ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغانلارغا پەرۋەردىگارىڭ (مەغپىرەت قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ شۇنىڭدىن (يەنى ئۇلارنىڭ ھىجرەت، جىھاد ، سەۋر قىلغىنىدىن) كېيىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھمەت قىلغۇچىدۇر.
yawma tatī kullu nafsin tujādilu ʿan nafsihā watuwaffā kullu nafsin mā ʿamilat wahum lā yuẓ'lamūna
ھەر ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدىغان كۈننى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) ئەسلىگىن.
waḍaraba l-lahu mathalan qaryatan kānat āminatan muṭ'ma-innatan yatīhā riz'quhā raghadan min kulli makānin fakafarat bi-anʿumi l-lahi fa-adhāqahā l-lahu libāsa l-jūʿi wal-khawfi bimā kānū yaṣnaʿūna
ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، (ئەسلىدە) تىنچ ـ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ ـ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (ئۇنىڭ ئاھالىسى) ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى.
walaqad jāahum rasūlun min'hum fakadhabūhu fa-akhadhahumu l-ʿadhābu wahum ẓālimūna
ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى، ئۇنى ئۇلار ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا ئازاب (يەنى قاتتىقچىلىق ۋە ئوقۇبەت) يۈزلەندى، ئۇلار (گۇناھلارغا چۆمگەنلىك تۈپەيلىدىن) زالىم ئىدى.
fakulū mimmā razaqakumu l-lahu ḥalālan ṭayyiban wa-ush'kurū niʿ'mata l-lahi in kuntum iyyāhu taʿbudūna
ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار.
innamā ḥarrama ʿalaykumu l-maytata wal-dama walaḥma l-khinzīri wamā uhilla lighayri l-lahi bihi famani uḍ'ṭurra ghayra bāghin walā ʿādin fa-inna l-laha ghafūrun raḥīmun
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا (يېسە) ئاللاھ (ئۇنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇنىڭغا) كۆيۈنگۈچىدۇر.
walā taqūlū limā taṣifu alsinatukumu l-kadhiba hādhā ḥalālun wahādhā ḥarāmun litaftarū ʿalā l-lahi l-kadhiba inna alladhīna yaftarūna ʿalā l-lahi l-kadhiba lā yuf'liḥūna
ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
matāʿun qalīlun walahum ʿadhābun alīmun
(ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
waʿalā alladhīna hādū ḥarramnā mā qaṣaṣnā ʿalayka min qablu wamā ẓalamnāhum walākin kānū anfusahum yaẓlimūna
ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى يالغۇز يەھۇدىيلارغا ھارام قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
thumma inna rabbaka lilladhīna ʿamilū l-sūa bijahālatin thumma tābū min baʿdi dhālika wa-aṣlaḥū inna rabbaka min baʿdihā laghafūrun raḥīmun
شۈبھىسىزكى، بىلمەستىن يامان ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
inna ib'rāhīma kāna ummatan qānitan lillahi ḥanīfan walam yaku mina l-mush'rikīna
ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى.
shākiran li-anʿumihi ij'tabāhu wahadāhu ilā ṣirāṭin mus'taqīmin
ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى.
waātaynāhu fī l-dun'yā ḥasanatan wa-innahu fī l-ākhirati lamina l-ṣāliḥīna
ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ.
thumma awḥaynā ilayka ani ittabiʿ millata ib'rāhīma ḥanīfan wamā kāna mina l-mush'rikīna
ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى (يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
innamā juʿila l-sabtu ʿalā alladhīna ikh'talafū fīhi wa-inna rabbaka layaḥkumu baynahum yawma l-qiyāmati fīmā kānū fīhi yakhtalifūna
شەنبە كۈنى ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈنلا شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش بەلگىلەندى (يەنى شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ كۈندە ئىشلىمەسلىك ئىبراھىمنىڭ شەرىئىتىدە يوق ئىدى. يەھۇدىيلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىپ دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئېغىرچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق بەلگىلىمىنى چىقاردۇق). شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق ـ ناھەق ئۈستىدە چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ud'ʿu ilā sabīli rabbika bil-ḥik'mati wal-mawʿiẓati l-ḥasanati wajādil'hum bi-allatī hiya aḥsanu inna rabbaka huwa aʿlamu biman ḍalla ʿan sabīlihi wahuwa aʿlamu bil-muh'tadīna
پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
wa-in ʿāqabtum faʿāqibū bimith'li mā ʿūqib'tum bihi wala-in ṣabartum lahuwa khayrun lilṣṣābirīna
ئەگەر (ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار (يەنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار)، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلۋەتتە) ياخشىدۇر.
wa-iṣ'bir wamā ṣabruka illā bil-lahi walā taḥzan ʿalayhim walā taku fī ḍayqin mimmā yamkurūna
(ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقى) غا قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن.
inna l-laha maʿa alladhīna ittaqaw wa-alladhīna hum muḥ'sinūna
ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.